ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى تۇنجى قېتىم ئېشىپ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى

parida 2017-06-08 16:38:03

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا خام نېفىت باھاسى پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا بىر كېچىدە قاتتىق تۆۋەنلىگەندىن كېيىن يەنە ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئامېرىكا تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ زاپسى 10 ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشقان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئارقىلىق تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا بولغان ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
پەيشەنبە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە، برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %0.7 ئېشىپ 48.38 دوللارغا چىققان بولۇپ، بىر كېچىدە يەنە تۆۋەنلەپ بىر ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن باھا 47.96 دوللارغا چۈشكەن؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %0.6 ئېشىپ 45.97 دوللارغا چىققان بولۇپ، بىر كېچىدە يەنە تۆۋەنلەپ بىر ئايدىكى تۆۋەن باھا 45.65 دوللارغا چۈشكەن.
ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر جەمئىيىتى (EIA) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، خام نېفىت زاپسى ئۈچ مىليۇن 300 مىڭ تۇڭ ئېشىپ، 10 ھەپتىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. كۈتۈلمىگەن سانلىق مەلۇمات بازاردىكى «ئىسكىلات زاپسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى پەسىلگە قاراپ مۇقىم ھالەتتە تۆۋەنلەيدۇ» دىگەن قاراشنى تەۋرىتىپ قويدى. سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى %5 تۆۋەنلىدى.
EIA سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بېنزىن زاپسىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى ھەپتىدە ئۈچ مىليۇن 300 مىڭ تۇڭ ئاشقان بولۇپ، بازاردا 580 مىڭ تۇڭ ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى؛ چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپاس مىقدارى تۆت مىليۇن 400 مىڭ تۇڭ ئاشقان بولۇپ، بازاردا 281 مىڭ تۇڭ ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېكسپورت قىلىش مىقدارىمۇ كۈنىگە 557 مىڭ تۇڭ ئازايغان.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى ىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.