برېنىت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 50 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى

parida 2017-06-07 12:49:01

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: برېنىت خام نېفىتىنىڭ باھاسى چارشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 50 دوللارغا يېقىنلاشتى. گەرچە پۈتۈن يەرشارىدا نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلىشىشى ھەمدە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ تۆۋەنلىشى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن بەلگىلىك دەرىجىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
چارشەنبە كۈنىدىكى كۆرسەتكۈچتە، برېنىت خام نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى ھەر تۇڭى 50.10 دوللار بولۇپ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان %8 تۆۋەنلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %0.1 تۆۋەنلەپ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48.15 دوللارغا چۈشتى ھەمدە 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇيانقى تۆۋەنلەش نىسبىتى %6 دىن ئېشىپ كەتتى.
ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى (API) نىڭ سەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 6-كۈنى) دىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى تۆت مىليۇن 620 مىڭ تۇڭ ئازايغان، تەھلىلچىلەر ئۈچ مىليۇن 447 مىڭ تۇڭ ئازىيىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى، شۇنداقلا يەنە ئۇدا توققۇز ھەپتە تۆۋەنلىدى. كۇشىڭ خام نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى بىر مىليۇن 560 مىڭ تۇڭ ئازايغان، 2016-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تۆۋەنلەش نىسبىتىنى ياراتتى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسىنىڭ مىقدارى ئۇدا توققۇز ھەپتە تۆۋەنلىدى، ئەمما بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماينىڭ زاپاس مىقدارى ئاشتى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.