OPEC نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئۈنۈمى 4-ئايدىكى %90 دىن %95 گە چىقتى

gulbostan 2017-06-01 11:39:05

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رۇتېر ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 31-كۈنى) دىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ 5-ئايلىق مەھسۇلات مىقدارى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىدى. مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كەچۈرۈم قىلىنغان نىگېرىيە ۋە لىۋىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى داۋاملىق ئاشتى ھەمدە باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئانگۇلا ۋە ئېراق ئىككى دۆلەتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5-ئايدا داۋاملىق تۆۋەنلىدى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۇۋەيتنىڭ بىرلىكتە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ھەركىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. 5-ئايدا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ئۈنۈمى 4-ئايدىكى %90 دىن %95 گە چىقتى.
نېفىت بازىرىنىڭ تېزلىكتە تەڭپۇڭ ھالاتكە قايتىشى ئۈچۈن، نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە غەيرىي (OPEC) تەشكىلاتىدىكى ئەزا دۆلەتلەر ئالدىنقى ھەپتە مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2018-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتتى، ئەمما كېمەيتىش كۆلىمى كېڭەيمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نىگېرىيە ۋە لىۋىيە داۋاملىق مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كەچۈرىمىگە ئىگە بولغاچقا ئىككى دۆلەتنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى داۋاملىق ئاشتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ 5-ئايلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 250 مىڭ تۇڭدىن 32 مىليۇن 220 تۇڭغىچە ئاشتى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.