نېفىت باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىدى

gulbostan 2017-05-31 12:00:34

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 31-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا داۋاملىق تۆۋەنلىدى. ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشى بىلەن تەڭ لىۋىيەمۇ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنىڭ ئېشىپ قېلىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشى نېفىت ئىشلەپچقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) باشچىلىق قىلغان مەھسۇلاتنى كېمەيتىش ھەركىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرغان ئىدى. نۆۋەتتە، مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا نېفىت زاپسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلمەكتە، بۇ نېفىت ئىشلەپچقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ھۆكۈم قىلىشقا ئاساس بولىدۇ.

چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 31-كۈنى) ئېلان قىلىنغان كۆرسەتكۈچتە، برېنىت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %0.5 تۆۋەنلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 51.98 دوللار بولدى؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساس ئوتتۇرا دەرىجىلىك خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %0.6 تۆۋەنلىدى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 49.37 دوللار بولدى. لىۋىيەنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشى پۈتۈن يەرشارىدىكى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئارتۇق بولۇش ۋەزىيىتىنى ياخشىلىيالمىغاچقا، ماي باھاسى بىر كېچىدە يەنى سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 30-كۈنى)دىكىدىن %1 تۆۋەنلىدى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.