ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 12 ھەپتىدىن بېرى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىدى

zumrat 2017-05-19 16:24:30

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر مەركىزى (EIA)نىڭ چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاشكارلىغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى كۆزلەنگەن نىشاندىن سەل تۆۋەنلىگەن، چەككىلەنگەن ماي ۋە بېنزىن زاپسى ئوخشاشلا تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر مەركىزى (EIA)نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ شۇ ھەپتىلىك خام نېفىت زاپسى بىر مىليۇن 753 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا ئالتە ھەپتىگىچە تۆۋەنلىگەن، بازار مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا ئىككى مىليۇن 360 مىڭ تۇڭ ئازايتىلىدىكەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئېمپورت قىلغان خام نېفىتنىڭ مىقدارى كۈنىگە 8 مىليۇن 590 مىڭ تۇڭ بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا كۈنىگە 970 مىڭ تۇڭ كۆپەيگەن؛ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئېكسپورت قىلغان خام نېفىتنىڭ مىقدارى 10 مىليۇن 860 مىڭ تۇڭ بولۇپ، ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكىدىن كۈنىگە 393 مىڭ تۇڭ ئاشقان؛ ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)دىكى يەتتە دۆلەتتىن ئېمپورت قىلغان خام نېفىتنىڭ مىقدارى كۈنىگە 3 مىليۇن 70 مىڭ تۇڭدىن كۈنىگە 3 مىليۇن 380 مىڭ تۇڭغىچە ئاشقان. ئامېرىكا چەككىلەنگەن ماي زاپسىنىڭ مىقدارى 19 مىليۇن 440 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا ئۈچ ھەپتىگىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ،چۈشۈش نىسبىتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، بازار مۆلچەرى بويىچە بىر مىليۇن 50 مىڭ تۇڭ ئازىيىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئامېرىكا بېنزىن زاپسى تۆت مىليۇن 130 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئۇدا ئىككى ھەپتىگىچە تۆۋەنلىگەن، چۈشۈش نىسبىتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىلىك ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن. بازار مۆلچەرى بويىچە 7 مىليۇن 310 مىڭ تۇڭ چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر مەركىزى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە،نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 1.9 پىرسەنت پوئىنتقا يېتىپ %93.4 ئاشقان،كۈندىلىك نېفىت چەككىلەش مىقدارى ئۈچ مىليۇن 630 مىڭ تۇڭ ئاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 900 مىڭ تۇڭدىن 9 مىليۇن 305 مىڭ تۇڭغىچە ئازايغان، ئۇدا 12 ھەپتىگىچە ئاشقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن، ئەمما يەنىلا كۈنىگە 9 مىليۇن تۇڭلۇق يۇقىرى ئۆتكەلنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.