سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسيە نېفىت باھاسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرنى ئاشكارلىدى

zumrat 2017-05-15 17:16:01
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسيە نېفىت باھاسى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرنى ئاشكارلىدى

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئاسىيادا خەلقئارا نېفىت باھاسى دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 15-كۈنى) %1.5 گە ئۆرلىدى. يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن رۇسيەنىڭ نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى(OPEC) نىڭ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش كېلىشىمنى 2018-يىلىغىچە ئۇزارتىشى ئىلگىرىكى كۆزلەنگەن نىشاندىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان بۇرغىلاپ چارلاش پائالىيىتى نېفىت باھاسىنى كونترول قىلىشى مۇمكىن. دۈشەنبە كۈنىدىكى ئىستاتېستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، برنېت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال نىسبىتى %1.55 ئاشتى، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى ئۇدا ئىككى ھەپتە 51.69 دوللارغا چىقتى؛ ئامېرىكا غەربىي تېكساستىكى(WTI) خام نېفىتنىڭ قەرەللىك نىسبىتى %1.6 گە ئۆرلەپ، ئىككى ھەپتىدە ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 48.68 دوللارغا چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېنېرگىيە مېنىستىرى فارىخ ۋە رۇسيەنىڭ ئېنېرگىيە مېنىستىرى نوۋاك دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان «بىر بەلباغ، بىر يول» يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ئىككى دۆلەت نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ كېلىشمىنى 9 ئايدىن 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.