نېفىت باھا يۆلىنىشى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى

xayida 2017-03-24 15:58:54

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى خەلىقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ ، تۆت ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى ، ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ئۇدا يۇقىرى ئورنىنى ساقلاپ ، نېفىت باھاسىغا پايدىسىز ئامىل ئېلىپ كەلدى ، ھەم نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ نېفىت باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن بەلگىلىك تىرەش رولىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن نېفىت بازىرى يەنىلا ئەندىشە قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دوللار باھاسى مۇقىم ئۆرلىگەنلىكتىن يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى كۈچەيتتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.59 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 50.26 دوللار/باك بولدى.
برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى يىل ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى 58 دوللار/باك ئەتراپىغا ئۆرلىدى ، OPEC ۋە OPEC ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ھاسىل قىلغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى بۇ يىل يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان نېفىت باھاسىغا كۈچلۈك تىرەش ئېلىپ كەلدى . گەرچە OPEC ئەزا بولغان دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنى تولۇق ئورۇنداپ بولغان بولسىمۇ ، ئەمما OPEC ئەزا بولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلىش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.