OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنە كېمەيدى

gulbostan 2017-03-24 15:38:42

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى نىڭ 3-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرىشىچە، 4- ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئانگولا، ئىكۋادور ۋە گابوننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان OPEC نىڭ كۈندىلىك دېڭىز تىرانسپورت نېفىت ئىكىسپورتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە 160 مىڭ باك كېمەيگەن.
كونكېرىت سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە، OPEC قا ئازا بولمىغان دۆلەتلەردىن ئومان ھەمدە يەمەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈندىلىك ئوتتۇرىچە دېڭىز تىرانسىپورت ئىكىسپورت مىقدارى 370 مىڭ باك كېمىيىپ، كۈنىگە 17 مىليۇن 50 مىڭ باك بولغان.
3-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋىينادا ئېچىلغان تەكشۈرۈپ تەستىقلاش يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 2-ئايدا OPEC نىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشنى ئىجرا قىلىش نىسبىتى %106 كە يەتكەن بولۇپ، ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئايلىق دوكىلات بىلەن بىردەك ئىكەن. لىكىن OPEC قا ئەزا بولمىغان 11 نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتنىڭ 2-ئايدىكى ۋەزىپىنى تاماملاش نىسبىتى %64 بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.