ئالتۇن باھاسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ مۇناسىۋىتى

gulbostan 2017-03-23 17:36:02

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: تەھلىلچىلەر نۆۋەتتە نېفىت باھاسى بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاجىز بولغان باغلىنىشنى ئۆلچەۋاتقان بولۇپ، سەۋەبى ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى 6 كۈندە %4 ئۆرلەپ، 3 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن.
بىر قىسىم تەھلىلچىلەر نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالتۇن باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان بولۇپ، سودىگەرلەرنى ئالتۇن باھاسى بىلەن نېفىت باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلىشقا ئۈندىگەن.
بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىلچىسى Mike McGlone ئىلگىرى Kitco News نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بىلدۈرىشىچە، نېفىت باھاسى ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىنىڭ ئىچىدە 50 لىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، ئالتۇن بازىرىنىڭ يۈزلىنىشىگە تەسىر قىلغان، چۈنكى نېفىت باھاسىنىڭ چۈشىشى ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ پىلانىنى كىچىكتۈرىدىغان بولۇپ، بۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ تارىيىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن، يەنى تېخنىكىلىق ئۇسلۇبنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىكەن. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ھەرگىزمۇ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىدىن ئەمەس ئىكەن.
نېفىت بىلەن ئالتۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل مۇناسىۋەت ھەپتىنىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ دىققەتنى تارتىشقا باشلىغان بولۇپ، نېفىت باھاسى نېفىت زاپىسىنىڭ مۆلچەردىن يۇقىرى بولغانلىقى سەۋەبلىك تۆۋەنلىگەن، ئالتۇن باھاسى ئۇدا 6 كۈن ئۆرلەپ، 3 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە بولغان ھەر ئۇنسىيەسى 1249 دوللارلىق باھاغا يەتكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.