نېفىت ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر

xayida 2017-03-23 15:50:49

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى خەلىقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ، 4 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشتى ، ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ۋە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆزلۈكسىز ئېشىپ ، نېفىت بازىرىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىگە قارىتا گۇمان قىلىش پوزىتسىيىسىنى تىخىمۇ كۈچەيتتى ، گەرچە دوللار باھاسى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ، يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ مۇقىم ئۆرلىشىگە ياردەم قىلالمىدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى بىر مەھەل تۆۋەنلەپ 50 دوللار/باك ئەتراپىدىكى تىرەش نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.08 دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 49.73 دوللار/باك بولدى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 3-ئاينىڭ 17-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 500 مىڭ باك ئېشىپ ، 5.331 يۈز مىليون بولغان ، ھەمدە مۆلچەردىكىدىن 280 مىڭ باك ئاشقان .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.