سەئۇدىي: بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرغىنىمىزدىن ئەنسىرەپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ

gulbostan 2017-03-16 19:20:10

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەئۇدىي ئەرەبىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئالدىنقى 2 ئايدا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى OPEC نىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمنىڭ نىشانىغا ئۇيغۇن بولغان.
سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ OPEC قا بىلدۈرىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ 2-ئايدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 10 مىليۇن 11 مىڭ باكقا يەتكەن بولۇپ، 1-ئايدىكىگە قارىغاندا كۈنىگە 263 مىڭ باك ئاشقان.
بۇ مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، 2-ئايدا سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ بازارنى تەمىنلەيدىغان نېفىتى 1-ئايدىكى كۈنىگە 9 مىليۇن 999 مىڭ باكتىن كۈنىگە 9 مىليۇن 900 مىڭ باكقا چۈشكەن.
بۇ مىنىستىرلىقنىڭ ئېيتىشىچە، بازاردىكى ھەر قانداق بىر ئايدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بىلەن ئەمىلىي تەمىنلەش سەۋىيەسى ئارىسىدىكى پەرقنى مەشغۇلات ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان مەشغۇلات ئامىلى بولسا نېفىت زاپىسى ھەمدە باشقا ئايلىق سان ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدىن ئىبارەت ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.