كىلىشىمىنىڭ نېفىت زاپىسىنىڭ ئۆرلىشىنى توسۇپ قېلىشى تەس

gulbostan 2017-03-15 18:48:25

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارالىق ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بىلدۈرىشىچە، گەرچە OPEC نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كىلىشىمىنى ئىجرا قىلسىمۇ، يەر شارىنىڭ 1-ئايدىكى نېفىت زاپىسى ئۆرلىگەن.
بۇ مەھكىمىنىڭ ئېيتىشىچە، يەر شارىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 1-ئايدىكى نېفىت زاپىسى 48 مىليۇن باك ئۆرلەپ 3 مىليارد 3 مىليۇن باك بولغان بولۇپ، بۇلتۇر 7-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى ئۆرلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
OPEC نىڭ بۇ يىل ئالدىنقى يىرىم يىلدا كۈنىگە 1 مىليۇن 200 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ۋەدىسى 2-ئايدا %91 ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر بۇ تەشكىلات ئۇدا 6 ئاي داۋاملاشتۇرسا، بازاردا بەلكىم كۈنىگە 500 مىڭ باكلىق ئېھتىياج يوچۇقى قېلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، 2-ئايدا OPEC نى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 90 مىڭ باك ئاشقان.
بۇ ئاپپاراتنىڭ ئېيتىشىچە، OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەمىنلەش مىقدارى بىلەن ئالدىنقى يىلىدىكىنى سېلىشتۇرغاندا كۈنىگە 285 مىڭ باك ئازلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.