نېفىت باھاسى چۈشۈش يۆلىنىشنى داۋاملاشتۇردى

xayida 2017-03-10 17:04:50

\


FX168ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە كۈنى قەرەللىك نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈندىكى چۈشۈش يۆلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، چۈشۈش نىسبىتى تەخمىنەن %2ئەتراپىغا يەتتى ، ھەمدە نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPECتەشكىلات باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشتى ، ئاساسلىق سەۋەبى ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى يىڭى يۇقىرى رېكورىت يارىتىپ ، نېفىت بازىرىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى ، بۇ خىل چۈشۈش كەيپىياتى ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتتى ، بىراق دوللار باھاسى قايتا ئۆرلەپ ، يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى . ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 48.62دوللار/باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 51.53دوللار/باك بولدى .

جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا قەرەللىك نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى%0.67 ئۆرلەپ ، 52.53دوللار/باك بولدى ، ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.80 ئۆرلەپ ، 49.66 دوللار/باك بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.