ئىراقنىڭ 2-ئايدىكى نېفىت ئىكىسپورتى تۆۋەنلىدى

gulbostan 2017-03-10 15:45:28

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇلتۇر 3-ئايدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا،بۇ دۆلەتنىڭ 2-ئايدىكى نېفىت ئىكىسپورتى چۈشۈپ، كۈنىگە 3 مىليۇن 270 مىڭ باك بولغان، 1-ئايدا 3 مىليۇن 320 مىڭ باك بولغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراقنىڭ 2-ئايدىكى نېفىت ئىكىسپورتى 91 مىليۇن 450 مىڭ باك بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي قىسىمنىڭ نېفىت ئىكىسپورتى 90 مىليۇن 730 مىڭ باك بولغان. بۇ دۆلەت 1-ئايدا 102 مىليۇن 930 مىڭ باك بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي قىسىمنىڭ ئىكىسپورتى 101 مىليۇن 540 مىڭ باك بولغان، شىمالىي قىسىمغا جايلاشقان شەھەر جىركۇڭنىڭ ئىكىسپورتى 1 مىليۇن 400 مىڭ باك بولغان. 2-ئايدىكى نېفىت ئىكىسپورتىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئاساسىي جەھەتتىن 2-ئايدا پەقەت 28 كۈن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەن.
ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ دۆلەت 2-ئايدا نېفىت سېتىش ئارقىلىق 4 مىليارد 514 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق پايدا ياراتقان ، بۇ 1-ئايدىكى 5 مىليارد 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلىگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.