نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى دائىرىلىك ئۆرلەش مەزگىلى يىتىپ كېلىش ئالدىدا

gulbostan 2017-02-23 17:45:05

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: فىرانسىيە تاشقى سودا بانكىسى Natixis نىڭ تەھلىلچىسىMicaella Feldstein نىڭ 23-فېۋرال بىلدۈرىشىچە، 12-ئايدىن بۇيان، بىرۇنت خام نېفىتىنىڭ كۈن ئىچىدىكى تەۋرىنىشى ئىزچىل ھالدا تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يۇقىرى دائىرىلىك ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەپىسى ئىكەن. كۈندىلىك كۆرسەتكۈچنىڭ سېتىۋىلىش سىگىنالىدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى بەلكىم يۇقىرى كۆتۈرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ھەپتىلىك كۆرسەتكۈچنىڭ قايتىدىن يۇقىرى كۆتىرىلىشىمۇ يىقىندىكى بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن،نېفىت باھاسى 57.57 دوللارنى بۆسۈپ ئۆتىشى بىزنىڭ ئۆرلەش پەرىزىمىزنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 58.10-58.30 نى كۆرسىتىشى، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدىكى قارشىلىق كۈچى 60.20 ھەتتا 61.20 بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.