نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى

gulbostan 2017-02-09 19:00:11

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 9-فېۋرال ياۋرۇپا بازىرىدا نېفىت باھاسى ئۆسكەن بولۇپ، ئامېرىكا نېفىت زاپىسىنىڭ تاساددىپىي چۈشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. لىكىن خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش نېفىت باھاسىنىڭ بىسىمغا ئۇچرايدىغانلىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى (EIA) نىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، ئالدىنقى ھەپتە نېفىت زاپىسى 869 مىڭ باك چۈشۈپ 256 مىليۇن 200 مىڭ باكقا چۈشكەن بولۇپ، تەھلىلچى ئەسلىدە 1 مىليۇن 100 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
سودىگەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا نېفىت زاپىسىنىڭ تاساددىپىي ئازلاپ كېتىشى، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بەرگەن، لىكىن كۆپ قىسىملارنىڭ ئېيتىشىچە، نېفىت بازارىدا تەمىنلەش يىتەرلىك بولۇپ، بۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىكەن.
خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن قەرەللىك مال سودىگىرى OANDA نىڭ بازار ئاچقۇچى تەھلىلچىسى Jeffrey Halley ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ: «بىز ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى نېفت باھاسىنىڭ ۋىزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىمىز» دېگەن .
EIA نىڭ ھەپتىنىڭ 3-كۈنى بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى سودا خام نېفىتى زاپىسى 13 مىليۇن 800 مىڭ باك ئاشقان بولۇپ، 508 مىليۇن 600 مىڭ باكقا يەتكەن.
گاۋشىڭنىڭ بىلدۈرىشىچە ، يېقىلغۇ ماي زاپىىسىنىڭ ئۆرلىشى ھەمدە ئامېرىكا خام نېفىتى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى نېفىت بازىرىدا بىر بۆلەك ۋاقىتننىڭ ئىچىدە، تەمىنلەش ئارتىش ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:45 تە بىرۇنت خام نېفت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %0.76 ئۆرلەيدىغان بولۇپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 55.58 دوللار بولغان. ئامېرىكا خام نېفتى قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %0.74 ئۆرلەپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 52.78 دوللار بولغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.