OPEC نىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى 110 مىڭ باك كېمىيىدۇ

gulbostan 2017-01-13 15:25:21

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە مەسلىھەتچىلىك ئاپپاراتى Oil Movements نىڭ 12-يانۋار بىلدۈرىشىچە، 28-يانۋارغىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئانگولا ۋە ئىكۋادورنى ھىسابقا ئالمىغاندا، OPEC نىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە دېڭىز تىرانسىپورت نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان 4 ھەپتىدىكىگە قارىغاندا 110 مىڭ باك ئاز بولىدىكەن.
كونكېرت سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 28-يانۋارغىچە بولغان 4 ھەپتىدەOPEC نىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە دېڭىز تىرانسىپورت نېفىت ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ 24 مىليۇن 140 مىڭ باك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا شەرق تەرەپ 28-يانۋارغىچە بولغان 4 ھەپتىنىڭ ئىچىدە، OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەت بولغان ئومان بىلەن يەمەننىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە دېڭىز تىرانسىپورت نېفىت ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ 480 مىڭ باك كېمىيىپ، كۈنىگە 17 مىليۇن 360 مىڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
OPEC نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن دۇنيا نېفىت ئىشلەپچىقىرش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات 2016-يىلى 30-نويابىر كۈنى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈنىگە 1 مىليۇن 200 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىدىغانلىقى ھەمدە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارىنى 32 مىليۇن 500 مىڭ باكقا چۈشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا . بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رۇسىيە باشچىلىقىدىكى OPEC قا ئەزا بولمىغان 11 دۆلەت 2001-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش توغرىسىدا كىلىشىم ئىمزالىغان ھەمدە 1-ئايدىن باشلاپ كۈنىگە 558 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشكە قوشۇلغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.