ئىراق ھازىرقى نېفىت باھاسىغا رازى ئەمەس ئىكەن

gulbostan 2017-01-12 18:45:22

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى (Jabbar al-Luaibi) نىڭ 12-يانۋار ئەبۇ زەبىدە ئېيتىشىچە، بۇ دۆلەت ھازىر دۇنيادىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بىرلىكتە ئىمزالىغان مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشىمىگە ئەمەل قىلىۋاتقان بولۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكىنىڭ 65 دوللار بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

Luaib ئۆزىنىڭ ھازىرقى نېفىت باھاسىدىن رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە:« ئىراق تېخىمۇ ياخشى باھانى خالايدۇ، بىز نېفىت باھاسىنىڭ 65 دوللار ئەتراپىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

12-يانۋار ئاسىيا بازىرىدا برۇنت خام نېفىت نەق مېلى %0.22 دوللار ئۆرلىگەن بولۇپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 55.22 دوللار بولغان، ئامېرىكا خام نېفىت نەق مېلى ھەر باكىنىڭ باھاسى 52.25 دوللارلىق باھانى ساقلىغان. 11-يانۋار ئامېرىكىنڭ بولغۇسى زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كىيىن دوللار چۈشكەن، خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئاسىياغا بولغان نېفىت ئىكىسپورتىنى كېمەيتىدىكەن، نېفىت باھاسى چوڭ دائىرىدە %3 كە يىقىن ئۆرلەيدىكەن.

ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرىشىچە، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىراق كۈنىگە 160 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشنى باشلىغان بولۇپ، 1-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مەھسۇلات كېمەيتىش كۆلىمى كۈنىگە 210 مىڭ باكقا يىتىدىكەن. ئىراقنىڭ OPEC تا تۇرۇشلۇق خادىمىنىڭ 12-يانۋار ئاشكارلىشىچە، ئىراق نېفىت ئىكىسپورتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتكەن.

بىراق OPEC تىكى 2-چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىراق ئىلگىرى جەنۇبقا جايلاشقان بىر پورتنىڭ نېفىت ئىكىسپورت مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كەسىپكارلارنىڭ تەھلىلى ۋە قوراشتۇرۇلغان پاراخوت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە OPEC نىڭ مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشىمىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈش باشلانغان بولسىمۇ، ئىراقنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پورتنىڭ نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ھالەتنى ساقلىغان.

گەرچە سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشمىگە بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لىكىن بازار يەنىلا باشقا ئەزالارنىڭ ساختىلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئېنېرگىيە تەھلىل ئاپپاراتى بولغان Energy Aspects نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىراقنىڭ مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئىھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، ھازىر ئىراقنىڭ كورت رايونىنىڭ OPEC مەھسۇلات كېمەيتىش كىلىشىمىنى نەزىرىگە ئىلمىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرالايدىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.