ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنڭ نېفىت زاپىسى ئاشتى

gulbostan 2017-01-11 19:12:15

\

​FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمىيىتى (API) نىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت زاپىسى ئاشقان، بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپىسىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.

(API) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 6-يانۋارغىچە بولغان ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپىسى 1 مىليۇن 500 مىڭ باك ئېشىپ، 484 مىليۇن 300 مىڭ باكقا يەتكەن، تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 1 مىليۇن 200 مىڭ باك ئاشقان. كۇشىڭ خام نېفىت زاپىسى 187 مىڭ باك كېمەيگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئالدىنقى ھەپتىلىك بېنزىن زاپىسى 1 مىليۇن 680 مىليۇن باك ئاشقان بولۇپ، تەھلىلچى 1 مىليۇن 600 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئالدىنقى ھەپتىلىك چەككىلەنگەن ماي زاپىسى 5 مىليۇن 484 مىڭ باك ئاشقان بولۇپ، تەھلىلچى 899 مىڭ باك ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

ئامېرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى كۈندىلىك نېفىت ئىمپورت مىقدارى 1مىليۇن 700 مىڭ باك ئاشقان بولۇپ، كۈنىگە 8 مىليۇن 800 مىڭ باكقا يەتكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.