ئىراق خېرىدارلىرىنى تولۇق نېفىت بىلەن تەمىنلەيدۇ

gulbostan 2017-01-10 18:56:51

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئىراق خام نېفىت سودىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان ئۈچ نەپەر زاتنىڭ 9-يانۋار بىلدۈرىشىچە، OPEC تىكى 2- چوڭ نېفىت ئىكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولغان ئىراق ئاللىقاچان ياۋرۇپا ئاسىيا رايۇنىدىكى ئۈچ نېفىت چەككىلەش كارخانىسىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2-ئايدا خېرىدارلارنى تولۇق خام نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغانلقىنى ئېيتقان.
بىر نەپەر نېفىت سېتىۋالغۇچى خېرىدارى:« بىز سېتىۋىلىش مىقدارىنى كېمەيتمىدۇق، ئۇلارمۇ تەمىنلەش مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.
ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نېفىت پورتىنىڭ 12- ئايدىكى نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى كۈنىگە 3 مىليۇن 510 مىڭ باك بولغان بولۇپ، يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان، بۇ ئارقىلىق 2-ئايدىكى خېرىدارلارنى نېفىت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، OPEC ۋە OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىدىغان بولۇپ،بۇ ئارقىلىق نېفىت بازىرىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولغان. بىراق بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئىراقنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بازار تەقسىماتىنى قالايمىقانلاشتۇرىشىدىن ئەنسىرىگەن.
ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى (Ali al-Luaibi) نىڭ بۈگۈن ئەتىگەن بىلدۈرىشىچە، جەنۇبىي قىسىمدىكى نېفىت پورتى ئىكىسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئىراقنىڭ مەھسۇلات كىمەيتىش ئىرادىسىگە تەسىر قىلمايدىكەن.
ئىراق قوراشتۇرۇلغان پاراخوت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نېفىت پورتىنىڭ 1-ئايدىكى خام نېفىت ئىكىسپورت مىقدارى كۈنىگە 3 مىليۇن 500 مىڭ باك بولغان بولۇپ، 12-ئايدىكى يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىراق 2017-يىلى جۇڭگو، ھىندىستان ۋە ئامېرىكىدىكى خېرىدارلارغا قىلىدىغان نېفىت ئىكىسپورتىنى ئاشۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.