« OPEC مەھسۇلات كېمەيتىشتە ساختىلىق قىلغان تەغدىردىمۇ، نېفىت باھاسى يەنىلا ئۆرلەيدۇ»

gulbostan 2017-01-05 16:37:07

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: Deloitte نىڭ تەھلىلچىسى Andrew Botterill نىڭ 4-يانۋار بىلدۈرىشىچە، OPEC نىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مەھسۇلات كېمەيتىش جەھەتتە «ساختىلىق» قىلغان تەغدىرىدىمۇ، 2017-يىلى دۇنيادىكى نېفىتقا بولغان ئېھتىياج تەمىنلەشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەمدە نېفىت باھاسى ئۆرلەيدۇ.
ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 2017 –يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەھسۇلات مىقدارىنى كۈنىگە 1 مىليۇن 200 مىڭ باك كېمەيتىشكە قوشۇلغان ھەمدە كۈنىگە 32 مىليۇن 500 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدى بەرگەن. رۇسىيە، يەمەن، مىكسىكا قاتارلىق بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بولغان دۆلەتلەر كۈنىگە 558 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشكە قوشۇلغان.
يىقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، OPEC ۋە OPEC قا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بۇ تارىخىي كىلىىشىم نېفىت باھاسىنى %20 ئەتراپىدا ئۆستۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ چۈشىشى بىلەن ھەر قايسى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرمۇ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىشكە ئاۋاز قوشۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن.
بىراق بۇ تەشكىلات ئەسكەرتىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلەيدىكەن، بۇ نېفىت باھاسىغا بىسىم شەكىللەندۈرىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.