رۇسىيەنىڭ 12-ئايدىكى خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 30 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى

gulbostan 2017-01-03 18:55:28

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە ئېنىرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىىشىچە، رۇسىيەنىڭ 12-ئايدىكى خام نېفىت ئىشلەپچىقرىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلىشىپ، كۈنىگە 11 مىليۇن 210 مىڭ باك نېفىت ئىشلەپچىقىرىشتەك 30 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ساقلىغان.
رۇسىيە 2017-يىلىىنڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا كۈنىگە 300 مىڭ باك نېفىت مەھسۇلاتىنى كېمەيتىشنى پىلانلاپ، OPEC يولغان قويغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە ماسلاشقان.
كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 47 مىليۇن 402 مىڭ توننا بولۇپ، 11-ئايدىكى 45 مىليۇن 884 مىڭ توننىدىن يۇقىرى بولغان. 2016-يىلى پۇتۇن يىلدىكى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ، 547 مىليۇن 499 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، 2015-يىلىدىكىگە سىلىشتۇرغاندا، 10 مىليۇن 720 مىڭ توننا ئارتۇق بولغان.
رۇسىيە ئىنىرگىيە مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ئالدىرىماي تەدرىجىي ھالدا مەھسۇلات كېمەيتىدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى تېخنىكا ۋە ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2017-يىلىغا نىسبەتەن، رۇسىيە ئىنىرگىيە مىنىستىرلىقى خام نېفىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 548 مىليۇن باكتىن 551 مىليۇن باكقىچە بولىدىغانلىقىنى پىلانلىغان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.