نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب

xayida 2016-12-13 16:29:46

\

دۈشەنبە كۈنى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر(OPEC)تەشكىلات ۋەOPECئەزابولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر2001-يىلدىن بۇيان تۇنجى قىتىم ھەمكارلىشىپ نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى،ھەمدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش پىلانىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولغانلىقتىن،نېفىت باھاسىنى بەلگىلىك تىرەش بىلەن تەمىنلىدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئىشىپ كىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 18ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.بىراق نېفىت باھاسىدا يۇقىرى ئورنىدىن قايتىش ئەھۋالى يۈز بەرگەنلىكتىن،سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى.

ئالدىنقى ھەپتە شەنبە كۈنى OPECتەشكىلات ۋەOPECئەزابولمىغان نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرتارىخىي خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلدى،ھەمدە روسىيە باشچىلىقىدىكىOPECئەزابولمىغان11دۆلەتلەرھەربىرى1ئايدىن باشلاپ،ھەركۈنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 558 مىڭ باك كېمەيتىشكە قوشۇلدى،گەرچە ھەركۈنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش مىقدارى 600 مىڭ باك ئەتراپىدىن تۆۋەن بولسىمۇ،لىكىن شۇ نىشانغا يىتىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئورۇندا .بىراق بۇOPECئەزابولمىغان دۆلەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان،نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ئۈچۈن قىلغان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى.شۇنىڭ بىلەن بىرگەبۇنىڭدىن ئىلگىرى ،OPECھەركۈنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى 1 مىليون 200 مىڭ باك كېمەيتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلىپ بولغان،ھەمدە بۇ ئەھۋال نېفىت ئاساسىي يۈزىنى جانلاندۇرغان.

سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا،ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى%0.45تۆۋەنلەپ،52.58دوللار/باك بولدى،ھەمدە دۈشەنبە كۈنى%5يۇقىرى ئۆرلەپ،54.51دوللار/باك ئەتراپىغا يېقىنلىشىپ، بىر يىرىم يىلدىكى يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى55.45دوللار/باك بولدى،ھەمدە دۈشەنبە كۈنى57.89دوللار/باك ئەتراپىغا يېقىنلىشىپ،بىر يىرىم يىلدىكى يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.