نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئىشىپ،نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى

xayida 2016-12-07 12:45:17


\

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ،تۆۋەنلەش پىرسەنتى%1ئەتراپىغا يىقنلاشتى،ئاساسلىق سەۋەبى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر(OPEC)تەشكىلات ۋە روسىيە ھاسىل قىلغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمىگە قارىتا نېفىت بازىرى گۇمان قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى،ھەمدە نېفىت بازىرىدا نېفىت بىلەن تەمىنلەش بازار ئېھتىياجدىن ئىشىپ كىتىش ئەندىشىسى تىخى ئاياغلاشمىدى.

چارشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى%0.85تۆۋەنلەپ،53.50دوللار/باك بولدى،ئامېرىكا(WTI)قەرەللىك نېفىت باھاسى%0.85تۆۋەنلەپ،50.50دوللار/باك بولدى.

11-ئاينىڭ30-كۈنىOPECتەشكىلات ۋە روسىيە ھاسىل قىلغان نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى چەكلەش كېلىشىمى تارقالغاندىن كىيىن ،نېفىت باھاسىنى بەلگىلىك تىرەش بىلەن تەمىنلىدى، ھەمدەنېفىت باھاسى ئەسلىدىكى باھادىن%19يۇقىرى ئۆرلىدى.بىراقOPECۋە روسىيە11-ئايلىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئىشىپ، نېفىت بازىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش پىلانىغا قارتاگۇمان قىلىش پوزىتسىيەسى پەيدا قىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگەمەبلەغ سالغۇچىلار قولىدىكى ئۆسۈش ماللىرىنى پايدا رايونىدا چىقىرىپ بولدى،ۋە دوللار باھاسى تۆۋەنلەپ،نېفىت باھاسىغا چۈشۈش بېسىمى ئىلىپ كەلدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،OPEC نېفىت مەھسۇلات مىقدارى بىر كۈن ئىچىدە3419مىڭ/باك ئىشىپ،11-ئايدىكى يىڭى يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى.ھەمدە روسىيە دوكلاتدا،روسىيە11-ئايلىق نېفىت مەھسۇلات مىقدارى1121مىڭ/باك بولۇپ،30يىلدىن بۇيانقى يىڭى يۇقىرى ئۇرۇنغا چىقتى.بۇئەھۋال شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى،OPECۋە روسىيە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى يىقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن.نۆۋەتتە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى،دۇنيائېھتىياجدىن9500مىڭ/باك ئارتۇق بولغان.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.