ئاسىيا بازىردىكى نېفىت باھاسىغا نەزەر

zumrat 2016-09-26 18:00:20

\


يەكشەنبە كۈنى ئالجىرىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرىنىڭ كۆرسىتىلىشچە ،نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنى (OPEC) ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ھەپتەنېفىت مەھسۇلاتى كېمىيىپ كىتىشى ياكى توڭلىتىپ ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن بولغاچقا ،بۈگۈن ئاسىيا بازىردا نېفىت باھاسى ئۆستى.

يېقىنقى مەزگىللەردە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدامەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش جەھەتتە ئىختىلاپ كۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن % 4تۆۋەنلىگەن.

بۈگۈن ئاسىيا بازىردا ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى 42سىنىتتىن ئۆرلەپ44.90 دوللار/باك بولدى، ئالدىنقى سودا كۈنى 1.84دوللار چۈشتى . ئامېرىكا نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جەمئىي % 3 ئۆرلىدى .

برېنىت نېفىت باھاسى 42سىنىتتىن ئۆرلەپ46.31دوللار/باك بولدى. ئالدىنقى سودا كۈنى 1.76دوللار چۈشتى.برېنىت نېفىت باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جەمئىي%0.3ئۆرلىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.