2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى نىفىت سودا تەھلىلى

karima 2016-07-28 11:16:36

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 9- ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1 دوللار تۆۋەنلەپ، 41.92 دوللار/باك بولدى. برېنىت 9- ئايلىق قەرەللىك نېفىت بازار يېپىلىش باھاسى 1.4 دوللار تۆۋەنلەپ، 43.47 دوللار/باك بولدى. ئامېرىكا فېدراتىسىيسى يەنىلا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالدى، لېكىن سىياسىي باياناتنامە سۆزى مۆلچەردىكىدەك ئۇنچىۋالا ئۆسۈم قوشۇشنى خالىماسلىق تەرەپدارى بولمىدى، بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈم قوشۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ پەيدا قىلدى، دوللار ۋاقتىنچە يۇقىرى ھالىتىنى ساقلاپ قالدى، لېكىن ئۆسۈش چەكلىمىگە ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى كۈتۈلمىگەندە ئېشىپ، نېفىت بازىرى ئۈمىدسىز كەيپىياتتا چۆمدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 41.69 دوللار/باك بولدى، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 43.77 دوللار/باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى
تۈنۈگۈن نېفىتنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 2124-2049 ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز نېفىتنى 2099 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2114 نىڭ يۇقىرىغىچە كۆرۈمىز دېگەن ئىدۇق ، نېفىت باھاسى ياۋرۇپا بازىرى ئېچىلىپ 2084 ئەتراپىغا چۈشكەندىمۇ ئوخشاشلا ئۆسۈشكە ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتۇق، ھەمدە كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئۇچۇر چىقىشتىن بۇرۇن ئۇچۇر نەتىجىسى نېفىتقا پايدىلىق بولسا ئۆسۈش مېلىنى داۋاملىق ساقلاپ تۇرۇشنى، ئەگەر پايدىسىز بولسا ئۆسۈش مېلىنى چىقىرىپ چۈشۈشكە سودا قىلىش تەكلىپىنى بەردۇق، ئۇچۇر نەتىجىسى چىقشىتىن بۇرۇن نېفىت باھاسى ئەڭ يۇقىرى 2124 گە چىقتى، ھەمدە ئۇچۇر نەتىجىسى پايدىسىز چىقىپ 2060 ئەتراپىغا چۈشتى. ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ بويىچە سودا قىلغان بولساق 15+60=75 نۇقتىدىن ئارتۇق پايدا كۆرگەن بولىمىز.

1.بۈگۈن 2085-2075 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدسىنى 2065-2050 گىچە كۆرۈمىز، زىياننى 2105 دە توختىتىمىز.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

2105 2050

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.