نېفىت باھاسى 40دوللارغا چۈشۈش مۆلچەرلەندى

gulbostan 2016-07-27 18:28:34

\

PVM Oil Associates ئانالىزچىسى Tamas Varga ئالدىنقى جۈمە كۈنى كۆرسىتىپ، شۇ بىر كۈن ئىچىدىكى نېفىت باھاسى چۈشۈپ، يۈز كۈنلۈك ئوتتۇرا سىزىقنى بۆسۈپ تاشلىدى. ئەگەر كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە نېفىت باھاسى ئۇزۇن مەزگىللىك يۆتكىلىش ئوتتۇرىچە سىزىقىدىنمۇ تۆۋەن بولسا، نېفىت باھاسى بەلكىم داۋاملىق تۆۋەنلەپ ھەر باكى 40دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى جۈمە كۈنى سەل بالدۇر بېرېنىت نېفىتى قەرەللىك مال 100كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىنمۇ تۆۋەنلەپ،3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى تۇنجى تىرەش نۇقتىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا نېفىتى 100كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىن تۆۋەنلەپ، تىرەش ئورنى بولسا 43.69دوللاردىن تۆۋەن بولدى. بېرېنىت نېفىتى بىلەن ئامېرىكا نېفىتى 7-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى شۇ ھەپتىلىك نەتىجىسى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئىككىنچى چۈشكەن ھەپتە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.