نېفىتنىڭ ھەر باكى60دوللارغىچە ئۆسۈش مۆلچەرلەندى

gulbostan 2016-06-27 12:44:12

\

Crescent Petroleumباش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Majid Jafarئالدىنقى شەنبە كۈنى(6-ئاينىڭ 25-كۈنى)قوبۇل قىلغان زىيارىتىدە، نېفىت باھاسىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋرودىن چېكىنگەنلىكى سەۋەپتىن چۈشۈپ يەنە قايتا ئۆرلەشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ يىل ئېشىپ قالغان ۋاقىت ئىچىدە نېفىتنىڭ ھەر باكى 60 دوللارغىچە ئۆرلىشى مۇمكىن دېدى. ئەنگلىيە جۈمە كۈنى (6- ئاينىڭ 24-كۈنى) ياۋرودىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، شۇ كۈنى نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن%7كە يېقىن تۆۋەنلىدى. بۈگۈن ئامېرىكا نېفىتى %0.82چۈشۈپ، ھەر باكى 47.25دوللار بولدى؛ برېنت نېفىتى% 0.70چۈشۈپ، ھەر باكى 48.08دوللار بولدى. Jafarمۇنۇلارنى بىلدۈردى : « ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئەنگليە ياۋرودىن چېكىنگەنلىكى تۈپەيلىدىن نېفىت بازىرىنىڭ ئېھتىياجنى تەمىنلىشى كۈندىن-كۈنگە قىس بولماقتا، بۇ سەۋەپتىن نېفىت باھاسى يەنە داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن دېدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.