بۇ يىلى يەر شارىنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى ئۆرلىشى مۇمكىن

gulbostan 2016-06-22 11:52:46

\

فىرانسىيە پارىژ بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى 6ـئاينىڭ 22ـكۈنىدىكى دوكلاتىدا ياپونىيە ئىستىمالىنىڭ ئېشىشى تۈپەيلىدىن 2016ـيىللىق يەر شارى نېفىت ئېھتىياجى كۈندىلىك ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 96مىليۇن100مىڭغىچە ئېشىپ 2017ـيىلىدىكى نېفىت ئىستىمالى 97مىليۇن 200مىڭدا ئۆزگەرتمەي ساقلاش مۆلچەرلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ‎فىرانسىيە پارىژ بانكىسى 2016ـ،2017ـيىلى ئىككى يىل ئىچىدىكى نېفىت باھاسىغا بولغان ئالدىن مۆلچەرنى ئۆزگەرتمەي ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر بانكىنىڭ 5ـئايدىكى ئالدىن مۆلچەرىگە ئاساسەن، 2016ـيىلى ئامېرىكىنىڭ نېفىت باھاسىنىڭ ھەر باكى 40دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2017-يىلى ھەر باكى 50دوللار ئەتراپىدا مۆلچەرلەندى. 2016ـيىلى بېرىنىت نېفىتىنىڭ باھاسىنىڭ ھەر باكى 42دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، 2017ـيىلىغا بارغاندا ھەر باكى 52دوللار ئەتراپىدا ملۆلچەرلەندى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.