جۇڭگو نىفىتچىلىكى روسىيە نىفىتىنىڭ پاي ھوقوقىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن

sayibjamal 2016-05-31 17:14:53

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: جۇڭگو نىفىت تەبئىي گاز گورۇھى شىركىتى (CNPC) دېرىكتورى ۋاڭ يىلىن دۈشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 30-كۈنى) بىلدۈرۈشىچە، روسىيە دۆلەتلىك نىفىت شىركىتى تەتقىقات يىغىنىدىكى پۇقراۋىيلاشتۇرۇش پىلانىدا، جۇڭگو نىفىت گوروھى روسىيە نىفىت پاي ھوقوقىنى ئاشۇرۇشنى ئويلشىدىكەن.
جۇڭگو نىفىت گوروھى روسىيە نىفىتىنىڭ قىسمەن پاي ھوقوقىغا ئىگە. ۋاڭ يىلىن: «روسىيە نىفىتى باھا ئېلان قىلغاندا، بىز روسىيە نىفىتىنڭ پاي ھوقوقىنى ئاشۇرۇشنى تەپسىلىي ئويلىشىمىز» دېگەن. بىراق، ئۇ جۇڭگو نىفىتچىلىكنىڭ قانچىلىك پاي ھوقوقىنى سېتىۋېلىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېنىق ئېيىتمىغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.