نېفىت باھاسى تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش بېسىمىغا ئۇچرىدى

karima 2016-05-23 18:14:50

\

دۈشەنبە كۈنى ياۋرۇپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا،گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى بەش يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىغا يەتكۈزۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نېفىت بىلەن تەمىنلەش يەنىلا يۇقىرى نۇقتىدا بولۇپ تۆۋەنلىمىگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت باھاسى %3.3 يۇقىرى ئۆرلىدى، برېنت نېفىت باھاسى %1.7 ئۆرلىدى، دۇنيا نېفىت بىلەن تەمىنلەش كۈتۈلمىگەندە توختاپ قېلىپ كۆلىمى ئېشىپ 2011- يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى، سەۋەبى كانادا چوڭ ئوت ئاپىتى قاتارلىقلار سەۋەبلەر. لېكىن جۈمە كۈنى روسسىيە ئېنىرگىيە مىنىستىرى نوۋاك ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۇنيا نېفىت بىلەن تەمىنلەش يەنىلا ئېھتىياجدىن چوڭ، تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش دائىرسى كۈنىگە 1 مىليون 500 مىڭ باك بولدى دەپ بىلدۈرگەن.

شۇڭلاشقا نېفىت باھاسى يەنىلا دۇنيا تەمىنلەش ئېشىپ كېتىش بېسىمىغا ئۇچرىدى. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنىدىكى بىر پارچە دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بۇرغىلاش سۇپىسى سانى ئالدىنقى ھەپتە مۇقىملىشىپ، بۇ يىل بېشىدا يەنە بىر قەدەم تەمىنلەش ئېشىپ كېتىشكە قاراپ ماڭغان.

ئىران مۇئاۋېن نېفىت مىنىستىرى Rokneddin Javadi يەكشەنبە كۈنى ئېيتىشىچە، ياز پەسلى كەلگۈچە ئىران ئېكىسپورتىنى كۈنىگە 2 مىليون 200 مىڭ باكقىچە ئاشۇرۇش پىلانلىغان، ھەمدە مەھسۇلات مىقدارى ۋە ئېكىسپورتنى چەكلەشنى پىلانلىمىغان.

بېيجىڭ ۋاقتى 15:44 دە، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.15 تۆۋەنلەپ، 48.16 دوللار/باك بولدى؛ ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى %1.32 تۆۋەنلەپ، 47.76 دوللار/باك بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.