ئىراق مىنىستىرى نېفىت بازىرىغا بولغان كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى

karima 2016-05-13 16:23:57

\


پەيشەنبە كۈنى ئىراق نېفىت مىنىستىرى Fayyad Al-Nima ئىپادە بىلدۈرۈپ، 2016- يىللىق نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، 2017-يىللىق ئوتتۇرچە باھاسى 76 دوللارغا چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 2018-يىل نېفىت باھاسى يەنە بىر قەدەم يۇقىرى ئۆرلەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ئىراق نېفىت مىنىستىرى Adel Abdul Mahdi بۇ يىل 3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن ، مۇئاۋېن مىنىستىر Al-Nima رەسمىي ھالدا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئۇ پەيشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، نېفىت بازىرى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا ياكى 2017-يىل قايتا تەڭپۇڭ ھالىتىگە كېلىدىغانلىقىنى ، نېفىت باھاسى ئېھتىياج ئېشىش سەۋەبى ھەمدە ئېنىرگىيە مەبلەغ سېلىش كېمىيىش تۈرتكىسىدە داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

Al-Nima ئىپادە بىلدۈرۈپ،" ئىراق نېفىت باھاسىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھەددىدىن زىيادە تېز ئۈسۈپ ئىقتىسادقا زەربە بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ھەر باكى 100 دوللاردىن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز." دەپ بىلدۈردى.

ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ۋە باشقا ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بۇ يىل 6-ئاينىڭ2-كۈنى OPEC نېفىت يىغىنىدا مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش ئېھتىماللىقىنى قايتا مۇزاكىرە قىلىشى مۇمكىن.

لېكىن Al-Nima تەكىتلەپ، گەرچە ئىراق قىسقا مەزگىللىك مەھسۇلات مىقدارىنى توڭلىتىش كېلىشىمىنى قوللىسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىل شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.