ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلار نېفىت باھاسىنىڭ 50 دوللارغىچە ئۆسۈشىگە موھتاج

karima 2016-05-11 18:54:48

\


ئەنگلىيە نېفىت شىركىتى (BP) باش ئىقتىسادشۇناسى، دۇنيا تەتقىقات مەسئۇلى Christof Ruhl سەيشەنبە كۈنى لوندۇندىكى Platts دۇنيا نېفىت يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا سىلانتىس مىيى ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرى ھېچ بولمىغاندا نېفىت باھاسى ھەر باكى 50 دوللارغا چىققاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، Ruhl كۆرسەتمە بېرىپ، " زاپاس مىقدارى يىتەرلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، نېفىت باھاسى ھەر باكى 20 دوللارغىچە چۈشۈش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كىچىك." دەپ كۆرسەتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتلاردا نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئىقتىساد ئېشىشنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ دەپ ئېيتىلغان، لېكىن Ruhl بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ،" بۇ قېتىمقى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا ئانچە چوڭ ياردىمى بولمىدى." دەپ ئېيتتى.

Ruhl يەنە ئېيتىشىچە، " نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ئامېرىكا سىلانتىس مېيىغا بېسىم پەيدا قىلىشنى قارار قىلغاندىن بۇيان ، نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سىتراتىگىيسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، لېكىن ھازىر OPEC نى غەلبە قازاندى دېيىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ." دەپ ئېيتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە تولۇقلاپ، " ئەگەر لېۋىيە بىرلىككە كېلەلىسە، مەزكۇر دۆلەت تېخىمۇ كۆپ نېفىت تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ،ھەتتا ئامېرىكا سىلانتىس مېيىدىن ئېشىپ كېتىدۇ." دەپ كۆرسەتتى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.