نېفىت باھاسى ئۆرلەپ قايتا تۆۋەنلىدى

ilkan_5 2026-09-02 17:57:38

\

چارشەنبە كۈنى (9-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاسىيا-ياۋروپا سودا ۋاقتىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئۆرلەپ قايتا تۆۋەنلىگەن. سەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇشى قايتا باشلىغان. سەيشەنبە كۈنى نيۇ يورك سودا ۋاقتىدا نېفىت باھاسى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىر مەھەل% 5 تىن ئارتۇق ئۆرلىگەن. چارشەنبە كۈنى WTI نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ 92.90 گە يەتكەن. نۆۋەتتە، زور دەرىجىدە چۈشۈپ، 90 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سودا قىلىنىپ، ئازراق تۆۋەنلىگەن. بۇ نۆۋەتلىك بازار ئەھۋالىدا تىپىك بازار بۆلۈنۈش ئالاھىدىلىكى كۆرۈلگەنبولۇپ يەنى:قىسقا مۇددەتلىك جۇغراپىيەلىك كەيپىيات چۈشۈش ئاساسنى پۈتۈنلەي بېسىپ چۈشۈپ، نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان، لېكىن ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ۋە ماكرولۇق چەكلىمە يوقاپ كەتمىدى، بۇ قېتىمقى ئۆرلەش يۈزلىنىش خاراكتېرلىك ئۆرلەش بازىرى بولماستىن، بەلكى تىپىك جۇغراپىيەلىك ئىمپۇلسلىق بازار ئەھۋالى.ئومۇمىي بازار ئەھۋالى قۇرۇلمىسى «قىسقا مۇددەتلىك سودىدا كەيپىيات كۈچلۈك، ئۇزاق مۇددەتلىك سودىدا ئاساس ئاجىز»بولغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.