تەمىنلەش ئەندىشىسى نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى

ilkan_3 2026-09-02 17:35:08

\

خام نېفىت باھاسى چارشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا ۋاقتىدا كۈچلۈك ئىپادىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇدا ئۈچىنچى سودا كۈنى ئۆرلىگەن ھەمدە ئۆتكەن ئالتە سودا كۈنىنىڭ⁦5-كۈنى يۇقىرى بولغان.‮ ماي باھاسى 7-ئاينىڭ ⁦24-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن، نۆۋەتتە ⁦91.80⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن%⁦1.2⁩ بولغان.‮ بۇ ھەپتىدىكى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، خام نېفىت ۋاستىچىلىرى بازارنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قايتىدىن ئىگىلەپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئىلگىرىكى داۋالغۇش رايونىدىن تەدرىجىي قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا؛
‮⁦WTIنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈشىدىكى يادرولۇق ئامىل يەككە تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج ئامىلى ئەمەس، بەلكى جۇغراپىيلىك رايۇننىڭ سۇ تىرانسپورتى خەۋپ-خەتىرى، تەييار ماي بىلەن تەمىنلەشنىڭ چىڭىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك زاپاس تولۇقلاش مۆلچەرى بىرلىكتە خەۋپ-خەتەر سۇغۇرتا ھەققىنى ئۆرلىتىۋەتكەن؛‮ نېفىت باھاسى ⁦92⁩ دوللار ئەتراپىغا چىققاندىن كېيىن، بازار يېڭى ھالقىلىق رايونغا كىرگەن؛ ئەگەر جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت داۋاملىق يامانلىشىپ، ئەمەلىي توشۇشقا تەسىر يەتسە، ⁦WTI⁩ نىڭ ⁦98.55⁩ دوللاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش ھەمدە ⁦100⁩ دوللارنى سىناق قىلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن؛ ئەكسىچە، ئەگەر تەمىنلەش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەنلىسە، ئالدىنقى مەزگىلدە توپلانغان خەۋپ-خەتەر سۇغۇرتا ھەققى تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇۋېلىنىشى مۇمكىن. ‮ قىسقا مۇددەتلىك مۇھىم نۇقتا ⁦90-98⁩ ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدىكى بۆسۈش يۆنىلىشىدە، ئوتتۇرا مەزگىلدە ئەمەلىي تەمىنلەش، ئامبار زاپىسى ۋە يەر شارى ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىنى قايتىدىن باھالاشقا توغرا كېلىدىكەن.‮ نۆۋەتتە نېفىت باھاسىدا جۇغراپىيەلىك باھا نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن ئەھۋالدا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەرنى قوغلىشىشمۇ ماس قەدەمدە ئۆرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.