نېفىت باھاسى ئازراق تۆۋەنلەشكە يۈزلەندى

ilkan_5 2026-08-05 18:47:01

\

چارشەنبە (8-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئاسىيا-ياۋروپا ۋاقتىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلىگەن، بۇ ھەپتىدە نېفىت باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ تۆۋەنلەش نىبسىتى % 14 تىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە WTI نېفىت باھاسى76.06غا ئۆرلىگەن، ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىش، دېڭىز بوغۇزىنىڭ پات ئارىدا قايتا باشلىنىشىدەك ئۈمىدۋار كۆزلىمىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارادا خام نېفىت خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈستەك باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەن.

پۈتۈن يەر شارى بازىرى ئىككى دۆلەت تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۈمىدۋار خۇشاللىقىغا چۆمۈپ، پۈتۈن يەر شارى كاپىتال بازىرى يېقىنقى بىرنەچچە سودا كۈنىدە زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن.

گەرچە باھا جەھەتتە بازار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۆۋەتتىكى خەۋەر قاتلىمىدا يەنىلا كىرىزىس ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش

ى مۇمكىن ئىكەن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەت كۆپ تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىكەن، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىلتىماس-تەلىپى، ئىراننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ، سۇ يولىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تالاش-تارتىشى، يادروسىزلاشتۇرۇش ماددىلىرى چەكلىمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان مىقدارلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتتى، كېلىشىمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قاتمۇقات توسالغۇ بار ئىكەن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئېنېرگىيە ئەندىزىسى بىلەن خام نېفىت بازىرى يەنىلا يۇقىرى داۋالغۇش ھالىتىنى ساقلايدىكەن.

تېخنىكا جەھەتتە: نېفىت باھاسى نۆۋەتتە 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىن چۈشۈپ، 73.3 ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى 70.26 گە تىرەك بولغان.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.