نېفىت باھاسى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى

ilkan_3 2026-08-05 16:57:17

\

چارشەنبە كۈنى (⁦8-ئاينىڭ ⁦5-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى بىر كېچىدىلا%⁦5⁩ تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەندىن كېيىن تار دائىرىدە تەڭشەلگەن، برېنت خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى ⁦78.70⁩ ئامېرىكا دوللىرى/تۇڭ ئەتراپىدا بولغان، ئامېرىكا خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى ⁦75⁩ ئامېرىكا دوللىرى/تۇڭ ئەتراپىدا بولغان؛
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن، بازارنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىۋېتىشكە بولغان مۆلچەرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، لېكىن ئىككى دۆلەت بىۋاسىتە ئۇچراشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېڭىز بوغۇزى ئەتراپىدا يەنە بىر پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىق خەۋىرى تارقالغان، بۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىستىقبالىدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولغان.
قاتار ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، نېفىت باھاسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى%⁦5⁩ تىن ئارتۇق تۆۋەنلەپ، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشىغا تۈرتكە بولغان؛ ‮ ئەمما ئىككى دۆلەت بىۋاستە سۆھبەتلىشىشنى ئىنكار قىلىپ، ئومان بىلەن دېڭىز بوغۇزىنى باشقۇرۇش توغرىلىق سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھورمۇز بوغۇزىدا يەنە پايدىسىز خەۋەر تارقىلىپ، دېپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش ئىستىقبالىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغان.
ياراشتۇرغۇچى تەرەپ گەرچە ئۈمىدۋار بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق ئىختىلاپى تېخى تۈگىمىگەن. ‮ گولدمان كېلىشىم ئېتىراپ قىلىنىشتىن بۇرۇن ياكى ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بېرنىت خام نېفىت باھاسىنىڭ نۆۋەتتىكى كەڭ دائىرىدە تەۋرىنىشىنى ساقلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ئامبار زاپىسىنىڭ زور دەرىجىدە خوراپ كېتىشى ۋاشىنگتوننىڭ ھەربىي ئىشلار تۈرىگە ماھىيەتلىك چەكلىمە پەيدا قىلىپ، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ‮ قىسقا مۇددەتلىك نېفىت باھاسى داۋاملىق دىپلوماتىيەدىكى ئۈمىدۋارلىق بىلەن رېئال خەۋپ-خەتەر ئارىسىدا تەكرار تەۋرىنىش ئىلىپ بارماقتا؛

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.