خام نېفىت بازىرى «ئاجىز پەيت»كە كىردى

ilkan_5 2026-07-16 17:58:05

\

يېڭى تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپى دەل 2-پەسىلدە زور مىقداردا ئامبار زاپىسى خورىغاندىن كېيىن، بازارنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن، بۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى بىرنەچچە ئايدا بازارنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى (SPR) نى قويۇپ بېرىش كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئاخىرلىشىپ، تەمىنلەش ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

پارس قولتۇقىدىكى ئېنېرگىيە ئېقىم مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ئەمەلىي بۇيۇم بازىرىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەكتە. يەنى بېرنت خام نېفىتىنىڭ زاكاز مېلىنىڭ ئۈستەك باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 1.30 دوللارغا قايتقان بولۇپ، ھالبۇكى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بۇ باھا پەرقى ئېتىبار باھا ھالىتىدە تۇرغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا Mars خام نېفىت باھا پەرقىمۇ قايتا ئۆرلىگەن.

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىنىڭ سودا خاراكتېرلىك خام نېفىت ئامبار زاپىسى 1 مىليون 690 مىڭ تۇڭ ئازايغان، ئەگەر ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئويلاشقاندا، ئومۇمىي ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى 4 مىليون 680 مىڭ تۇڭغا يەتكەن. ئامېرىكىنىڭ سودا خاراكتېرلىك خام نېفىت ئامبار زاپىسى نۆۋەتتە 2022 ـ يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پەسىل خاراكتېرلىك قارىغاندا 2018 ـ يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن. ئامېرىكا ھەم پۈتۈن يەر شارىدىكى ئوتتۇرا سۈپەتلىك دىستىللەنگەن نېفىت بازىرى يەنىلا ئىنتايىن جىددىي بولۇپ، بۇنى ئوتتۇرا سۈپەتلىك دىستىللەنگەن نېفىتنى پارچىلاش باھا پەرقىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.