نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنشى ئاخىرلاشتىمۇ؟

ilkan_5 2026-07-08 18:12:40

\

ئىككى دۆلەتنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى كېڭىشىش رامكىسى ھاسىل قىلىشى، خورمۇز دېڭىز بوغۇزى سۇ تىرانسپورتىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، يېقىندا بىرېنت خام نېفىت باھاسى بىر مەھەل پۈتۈنلەي توقۇنۇش باشلىنشتىن بۇرۇنقى تۈپ سەۋىيەگە چۈشكەن بولۇپ، ھازىر بازاردىكى ئاساسىي ئېقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىن ھۆكۈم قىلىشىچە، جۇغراپيىلىك ۋەزىيەت خام نېفىتىنى سىرتقا توشۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەر شارىۋى تەمىنلەش-ئېھتىياج ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلىدىكەن، 2027-يىلى كەڭ كۆلەمدە خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن ئىكەن، نېفىت باھاسىنىڭ يىل ئاخىرىدا ھەر بىر تۇڭىنىڭ 60 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

بازار قارىماققا كەڭرى كۆرۈنىدىغان بازار يۈزىگە قۇرۇلمىلىق خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، يەر شارىۋى خام نېفىت ئامبار زاپىسى نەچچە ئون يىللىق تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئامبارنى تولۇقلاش دەۋرىيلىكى ئۇزاق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى دۆلەت سۆھبىتى تېخى ئەمەلىيلەشمىگەن بولغاچقا، ۋەزىيەتنىڭ تەكرارلىنىش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى، خام نېفىت بازىرى يەنىلا ھەر ۋاقىت يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەمىنلەش زەربىسى ۋە باھانىڭ قايتا ئۆرلىشىگە دۇچ كېلىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.