نېفىت باھاسى بارغانسېرى چۈشۈشكە قاراپ يۈزلەندى

ilkan_5 2026-07-06 16:58:35

\

خام نېفىت بازىرى جەھەتتە، سودىگەرلەر ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلماقتا.خورمۇز بوغۇزىنىڭ سۇ تىرانسپورت ئېقىم مىقدارى گەرچە يەنىلا دىققەتنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن يۈزلىنشىتە مۇقىملىشىش ئالامىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئالدىنقى شەنبە كۈنى نۇرغۇن ماي پاراخوتىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئايلىنىپ مېڭىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەكشەنبە كۈنىگىچە، بۇ ئاچقۇچلۇق سۇ يولىنىڭ سۇ تىرانسپورتى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىپ نورماللاشقان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، OPEC+سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە رۇسىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا، كېلەر ئايدا كۈنىگە 188 مىڭ تۇڭ مەھسۇلاتنى ئازراق ئاشۇرۇش پىلانىنى تەستىقلايدىكەن. بۇ قارار نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رايون مۇقىملىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مۇھىم سىگنالىنى قويۇپ بەرگەن. ھالبۇكى، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش خەۋىرى يەنە بازارنىڭ يەر شارىۋى تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى قايتىدىن قوزغاپ، نېفىت باھاسىغا يوشۇرۇن بېسىم پەيدا قىلدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.