نېفىت باھاسى زىچ بېسىم دائىرىسىدە تەۋرىنىش ئىلىپ باردى

ilkan_3 2026-06-03 16:44:18

\

خەلقئارا خام نېفىت بازىرى چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا داۋاملىق كۈچلۈك ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى داۋاملاشتۇرغان، غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىت (WTI) نىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 95 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۇدا ئۈچىنچى سودا كۈنى ئۆرلىگەن. بۇ نۆۋەتلىك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان يادرولۇق ئامىل جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم يامانلىشىپ، بازارنىڭ يەر شارىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى تېز كۈچەيگەن.
نۆۋەتتە نېفىت بازىرى نوقۇل ھالدا ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن دىققەتنى تەمىنلەش بىخەتەرلىك خەتىرىگە مەركەزلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرگەن. جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى يەر شارى ئېنىرگىيە ترانسپورتىنى يېڭى ئېنىقسىزلىققا دۇچار قىلغان، ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشەلمىگەن، بۇ بازارنىڭ ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. ئاساسىي نۇقتىدىن قارىغاندا، تەمىنلەش خەتىرىنىڭ ئۆرلىگەن باھاسى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان. كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىدە، پارس قولتۇقىنىڭ سۇ تىرانسىپورت ئەھۋالى، يەر شارى ئامبار زاپىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دىپلوماتىيە سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتى نېفىت باھاسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىكەن. ئەگەر تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋاقتى بازار مۆلچەرىدىن ئېشىپ كەتسە، WTI خام نېفىتىنىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى نىشان قىلىش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلەش خەتىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.