نېفىت باھاسى يەنىلا بەلگىلىك تېرەككە ئېرشىكەن

ilkan_5 2026-06-01 18:51:12

\

خەلقئارا خام نېفىت بازىرى يېقىنقى مەزگىلدە جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەر بىلەن ئېھتىياج ئەندىشىسى ئوتتۇرىسىدا قايتا-قايتا داۋالغۇپ تۇرغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە ئالاقىدار ۋەزىيەتنىڭ سىجىل كۈچىيىشى ھەمدە ئىككى رايونىنىڭ تەمىنلەش خەۋپ-خەتىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇشىغا ئەگىشىپ، نېفىت باھاسى بەلگىلىك تىرەككە ئېرىشكەن. ھالبۇكى، گاۋشېڭ گۇرۇھى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېھتىياج تەرەپتىكى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆپىيىۋېتىپتۇ، بۇ، كەلگۈسىدە نېفىت باھاسى دۇچ كېلىدىغان مۇھىم بېسىم مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. گاۋشېڭ كۆپ مىقدارلىق تاۋارنىڭ تەتقىقات مەسئۇلى دائەن سترۇۋېن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتكەن:غەربىي ياۋروپا رايونىدىن كەلگەن ئەڭ يېڭى نېفىت سېتىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى مۆلچەردىكىدىن ئاجىز بولدى،يەر شارىۋى ئېنېرگىيە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ يەنىمۇ ئاستىلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
دوكلاتنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، غەربىي ياۋروپانىڭ 4-ئايدىكى نېفىت سېتىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گاۋشېڭنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يەر شارىۋى نېفىت ئېھتىياجىغا بولغان مۆلچەرىدە يەنىلا زىيادە ئۈمىدۋار بولغان. تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى نىسبەتەن مۇتەئەسسىپ بولغان ئېھتىياج مۆلچەرىدە يەنىلا كۈنىگە تەخمىنەن 2 مىليون تۇڭ تۆۋەنلەش خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.