نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلىدى

ilkan_5 2026-05-19 17:46:31

\

سەيشەنبە كۈنى يەنى (5-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئاسىيا-ياۋروپا ۋاقتىدا، خەلقئارا خام نېفىت ئازراق % 1 ئۆرلىگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى نېفىت باھاسى ترامپنىڭ سۆزى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىلگەن پەيتتە، پۈتۈن كۈنلۈك كەڭ كۆلەمدە داۋالغۇپ، ئاخىرقى باھا چۈشۈش يۈزلىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت كىلىشىم تۈزۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى داۋاملىق جاكارلىغان، ئەگەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان كېلىشىمنى تىلغا ئېلىشقا ئامال بولمىسا، جۇغراپيىلىك ۋەزىيەت يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدە جىددى ھالەتكە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ترامپ ئۆزىنى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سۆھبەت ماھىرى دەپ قاراپ، بازاردا بۆرە كەلدى دېگەن ئويۇننى قايتا-قايتا ئويناپ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا توقۇنۇش مەسلىىدە قارشى تەرەپ قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان:ئۇنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە بېسىمى ئىككى دۆلەت مەسلىسىنى تېىخمۇ جىددى تۈسكە كىردۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.
بۈگۈنكى كۈندە ئىككى دۆلەت مەسلىسى ئۈستىىدە، ھالبۇكى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگسېس بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئەمەس، بەلكى دىققىتىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئۈچۈن سەھنىگە چىقىرىشقا قاراتقان، بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ قاتتىق تاشقى قىياپىتى ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.