نېفىت باھاسى بۆسۈش ھاسىل قىلامدۇ ياكى تۆۋەنلەمدۇ ؟

ilkan_3 2026-05-19 15:34:40

\

سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا بازىرىدا، WTI ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلەپ، 102.80 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا داۋالغۇش بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئەسلىدە سەيشەنبە كۈنى ئىرانغا قاراتقان ھەرىكەتنىڭ ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى، سەۋەبى پارس قولتۇقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بازارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، بىر قىسىم ئۆسۈش مەبلىغى پايدا ئېلىپ ئاخىرلاشقان، بۇنىڭ بىلەن نېفىت باھاسى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىگەن.
نۆۋەتتە خەلقئارا نېفىت بازىرى ئەنئەنىۋى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج لوگىكىسىدىن تەدرىجىي ھالدا « جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر باھاسىنى بېكىتىش » ئەندىزىسىگە ئۆزگەرگەن. ترامپنىڭ ھەرىكەت قوللىنىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشى گەرچە بازاردا قىسقا مۇددەتلىك تۈزىتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ھورمۇز بوغۇزىدىكى ترانسپورتنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى يەنىلا يەر شارىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش خەتىرىنىڭ ھەقىقىي تۈگىتىلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى، ئامېرىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامبار زاپىسىنىڭ ئۆزگىرىشى داۋاملىق بازار كەيپىياتىغا يىتەكچى بولغان.
يۈزلىنىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، WTI خام نېفىتىنىڭ 100 دوللاردىن يۇقىرى بولۇشى بازار خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆرلىگەن باھاسىنىڭ يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن؛ ئەگەر كېيىنكى توقۇنۇش يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتسە، نېفىت باھاسى داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەنى نىشان قىلىشى ھەمدە يەر شارى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى قايتىدىن ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. بىراق يۇقىرى نېفىت باھاسى قىسمەن ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى تەدرىجى تىزگىنلەپ، كەلگۈسىدىكى بازار داۋالغۇش خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتى ، OPEC+ سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قاتناش ئەھۋالىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ئامىللار كەلگۈسىدىكى نېفىت بازىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل؛

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.