جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت پەسىيىپ نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى

ilkan_3 2026-05-06 15:28:06

\

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ئامېرىكا WTI خام نېفىت باھاسى 100.50 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۆرلەش ئەھۋالىنى ئاخىرلاشتۇرغان. بازار خەۋپ-خەتەر كەيپىياتىدا كۆرۈنەرلىك تۈزىتىش بولغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتىنىڭ پەسىيىش سىگنالى بەرگەنلىكىدىن بولغان. ئامېرىكا تەرەپ ھالقىلىق سۇ يولىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار ھەرىكەتنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، كېلىشىم سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ پوزىتسىيە بازارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەرنى پەسەيتىش كەيپىياتىنىڭ تۈزىتىلگەنلىكى بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئاجىزلاشماسلىقى كېرەك. ئامبار زاپىسىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشى ۋە يەر شارى تەمىناتىنىڭ قىس بولۇشى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ مۇھىم تىرەك ئامىلى ئىكەن. كەلگۈسىدىكى بازار يۈزلىنىشى ئىككى چوڭ يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارغا باغلىق بولۇپ: بىرىنچىسى، جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ ھەقىقىي مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى، ئىككىنچىسى، ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنىڭ داۋاملىشىش-داۋاملاشماسلىقى. ئەگەر ئامبار زاپىسى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىسە، نېفىت باھاسىدا يەنىلا ئۆرلەش بوشلۇقى بولدىكەن؛ ئەكسىچە، ئەگەر تەمىنلەش تەدرىجى ئەسلىگە كەلسە، نېفىت باھاسى يۇقىرى داۋالغۇش باسقۇچىغا كىرىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بازار « قىسقا مۇددەتلىك بېسىمغا ئۇچراش، ئوتتۇرا مەزگىللىك كۈچلۈك بولۇش » تەك مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە تۇرماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە داۋالغۇش يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.