يۇقىرى نېفىت باھاسى مۇھىتى بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن

ilkan_3 2026-05-05 17:14:59

\

جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر يەنىلا نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى بولۇپ، جۇغراپىيلىك ۋەزىيەت توغىرسىدىكى خەۋەرلەر بازارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىۋاسىتە ئاشۇرغان؛ دۈشەنبە كۈنى برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى %4.63 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 113.82 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى %2.58 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 105.14 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان. سەيشەنبە كۈنى (5-ماي) ئاسىيا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، برېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 113.76 دوللار، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 104.79 دوللار بولغان.
ھورمۇز بوغۇزى يەر شارى بويىچە تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم نېفىت توشۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى بۇ مۇھىم يولغا بىۋاستە تەھدىت سالغان. ئىراننىڭ ھەرىكىتى ، ئامېرىكىنىڭ « ئەركىن ھەرىكىتى » دىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئارىلىشىشى ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيەتلىك قاتناش دوكلاتى سۇ ترانسپورتى سۇغۇرتا ھەققىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى سۇ ترانسپورتى شىركەتلىرى قاراپ تۇرۇشنى تاللىغان. بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ فۇجايرا پورتىغا ئوت كېتىپ، تەمىنلەش ئەندىشىسىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، گەرچە بۇ پورت دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتمەيدىغان ئاز ساندىكى ئېكىسپورت لىنىيەلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، OPEC+ 6-ئايدىن باشلاپ قىسمەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى نىشانىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان، بىرلەشمە خەلىپىلىكى OPEC دىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن، بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئۇزاق مۇددەتلىك تەمىنلەشنى پەسەيتكەن. لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە، جۇغراپىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ ئەمەلىي ھاسىلات ۋە تىرانسپورتقا بولغان تەسىرى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مۆلچەرىدىكى تەسەللى بېرىش رولىدىن كۆپ چوڭ بولىدىكەن. ئەگەر دېڭىز بوغۇزى تېز سۈرئەتتە قايتا ئېچىۋېتىلمىسە، نېفىت باھاسى 100 دوللاردىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكىنىڭ بېنزىن باھاسىمۇ داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.
نۆۋەتتىكى مۇھىتتا، نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن خەۋەرلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە تايىنىدىكەن؛ قىسقا مۇددەت ئىچىدە دېڭىز بوغۇزىدىكى قاتناش تەرەققىياتى، ئىككى دۆلەت سۆھبىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە بىرلەشمە خەلىپىلىكى پورتىدىكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش ئەھۋالىنى مۇھىم قوزغىتىش نۇقتىسى قىلىشقا بولىدىكەن. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئەگەر تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى پەسەيسە ، OPEC+ مەھسۇلاتنىڭ ئېشىشى تۆۋەنلەش بېسىمىنى شەكىللەندۈرىدىكەن؛ ئەكسىچە، يۇقىرى نېفىت باھاسى مۇھىتى بىر مەزگىل داۋاملىشىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.