نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە

ilkan_5 2026-04-30 17:45:17

\


چارشەنبە كۈنى، ئامېرىكا خام نېفىتى زور دەرىجىدە 8.87 دوللار ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى % 8.9 كە يېتىپ، ئۇدا ئۈچىنچى سودا كۈنى ئۆرلىگەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
خورمۇز دېڭىز بوغۇزى يەنىلا سودا ئېنېرگىيە تىرانسپورتىغا قارىتا ئاساسىي جەھەتتىن تاقالغاچقا، تەمىنلەش زەربىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە. غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىتى (WTI) نىڭ ھەر تۇڭى 100 دوللاردىن قايتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم بولغان؛ بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭى 111 دوللار ئەتراپىدا بازارنى ئاخىرلاشتۇرغان. دۇنيا بانكىسى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان «تاۋار بازىرىغا نەزەر»دە مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى يەر شارىۋى ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە % 24 ئۆرلەيدىكەن، بۇ، 2022-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى بولىدىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.