نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى قېتمىقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشى مۇمكىن

ilkan_3 2026-04-30 15:06:17

\

خەلقئارا نېفىت بازىرى پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا مەزگىلىدە داۋاملىق كۈچلۈك بولغانWTI ، نېفىت باھاسى 107.40 دوللار ئەتراپىغىچە ئۆرلەپ، بازارنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى زەربىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى نامايان قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۆرلەشنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىدىن كەلگەن، ئامېرىكا ئىراننى دېڭىز ئۈستى قامال قىلىشىنى يولغا قويۇپ، نېفىت توشۇش خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان. بازار ئومۇميۈزلۈك ھورمۇز بوغۇزى يەر شارى بويىچە تەخمىنەن %20 دېڭىز تىرانسپورتى خام نېفىت تىرانسپورتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاقىدار سۇ يوللىرى توسالغۇغا ئۇچرىسا، يەر شارى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، باھانىڭ داۋالغۇشىنى چوڭايتىدۇ ، دەپ قارىغان.
نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ماھىيەتتە جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن OPEC نىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يېرىق ماس قەدەمدە پەيدا بولۇپ، بازارنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەشكە بولغان ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى يەنىلا جۇغراپىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولۇپ، يۇقىرى داۋالغۇشنى ساقلاش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن. ئەمما ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك نۇقتىدىن قارىغاندا، يۇقىرى نېفىت باھاسى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى تىزگىنلەپ، باھاغا تەتۈر يۆنىلىشلىك بېسىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەبلەغ سالغۇچىلار جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت يۈزلىنىشىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.