نېفىت باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن داۋاملىق ئاجىزلىشى مۇمكىن

ilkan_3 2026-04-20 16:36:06

\

جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشى يېقىنقى مەزگىلدىكى دۇنيا بازىرىدىكى داۋالغۇشنىڭ يادرولۇق ئامىلى بولۇپ قالغان. ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىغانلىقىنى جاكارلاپ، دۇنيادىكى ئەڭ ھالقىلىق ئېنىرگىيە ترانسپورت يولىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ دېڭىز بوغۇزى يەر شارى بويىچە تەخمىنەن %20 دېڭىز تىرانسپورتى خام نېفىت تىرانسپورتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قاتناش توسالغۇغا ئۇچرىسا، يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىگە بىۋاستە زەربە بېرىپ، خام نېفىت خەتىرىنىڭ ئۆرلەش باھاسىنى ئۆستۈرىدىكەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، نۆۋەتتە نېفىت بازىرىنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يەنىلا جۇغراپىيەلىك خېيىم-خەتەرنىڭ تەمىنلەشكە بولغان زەربىسىدىن كەلگەن، بۇ ئامىل نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەكتە ھەمدە زايوم بازىرىغا بېسىم پەيدا قىلىماقتا. قىسقا مۇددەت ئىچىدە، ئەگەر ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىيلەشسە، نېفىت باھاسى يەنىلا ئۆرلەيدىكەن، ئەمما بازارنىڭ دىپلوماتىيە سۆھبىتىگە بولغان مۆلچەرى ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، ئېھتىياجنىڭ كاساتلىشىشى ۋە تەمىنلەشنىڭ ئەسلىگە كېلىش رېتىمى نېفىت باھاسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولۇپ قالىدىكەن، مەبلەغ سالغۇچىلار تىرانسپورتنىڭ ئەسلىگە كېلىش تەرەققىياتى ۋە يەر شارى ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يوشۇرۇن بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.