نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلىدى

ilkan_3 2026-04-17 15:47:24

\

جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرىداTIW، خام نېفىت باھاسى 89 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا داۋالغۇپ ئۆرلىگەن، بازارنىڭ يادروسى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئىككى دۆلەتنىڭ 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى، لېكىن ئەمەلىي ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنىڭ مۆلچەردىن كۆرۈنەرلىك چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لىۋان تەرەپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلار خاتىرىلەندى، بۇ پوزىتسىيە بازارنىڭ ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم كەسكىنلىشىشىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
ئېنېرگىيە بازىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، جۇغراپىيلىك رايون ئۇزۇندىن بۇيان يەر شارى نېفىت بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ھەرقانداق توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى بازار خەۋپ-خەتىرىنىڭ باھاسىنى بېكىتىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن؛ بولۇپمۇ ھالقىلىق تىرانسىپورت يولى جەھەتتە، ھورمۇز بوغۇزى يەر شارى بويىچە تەخمىنەن %20 دېڭىز تىرانسىپورتى خام نېفىت تىرانسىپورتىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، ۋەزىيەت يامانلاشسا، يەر شارى تەمىناتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇڭا توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇقىم بولمىغان ئەھۋالدا، بازار تېزلىكتە « جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر ئۆرلىگەن باھا » غا قايتىدىن كىرگۈزۈلۈپ، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانغان.
ئومۇملاشتۇرغاندا، جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى يەنىلا نۆۋەتتىكى نېفىت باھاسىنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى بولۇپ، دىپلوماتىيە سۆھبىتى بولسا مەلۇم دەرىجىدە خېيىم-خەتەرنىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرىدىكەن. قىسقا مۇددەت ئىچىدە، بازار داۋاملىق « توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى » ۋە « سۆھبەتنىڭ ئىلگىرىلىشى » دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ كۈچ سىنىشىدىكەن. ئەگەر ۋەزىيەت يەنىمۇ يامانلاشسا، نېفىت باھاسى ھالقىلىق توسالغۇ دائىرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولسا، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۆرلىگەن باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى مۇمكىن. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، نېفىت باھاسى يۇقىرى داۋالغۇش ۋەزىيىتىنى ساقلايدىكەن، مەبلەغ سالغۇچىلار جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىياسەت سىگنالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.